تىل دېگەن
(مۇخەممەس)
(21-فېۋرال دۇنيا ئاناتىل بايرىمىغا ئاتاپ)
كۇللى ئادەم نەسلىگە بىر زىبۇ-زىننەت تىل دېگەن، پادىشاھى ۋە گادايغا ئۇنسى-ئۈلپەت تىل دېگەن، بىلسىڭىز گەر قەدرىنى ئۇ كاتتا دۆلەت تىل دېگەن، تاپقۇسى ھەركىم ئۇنىڭدا شانۇ-نۇسرەت، تىل دېگەن، ياپقۇسى قانچە ئەيىپلىك-بولسا ئىللەت، تىل دېگەن! ئانا تىلدا سۆزلىسەم قاينار ھاياجان-ئىپتىخار، ئانا تىلنى كۈيلىسەمكى،كۈيۈم ياڭراق-بىغۇبار، ئاناتىلدا توۋلىساق مارش،ئۈنىمىز كۆكنى قۇچار، ئانا تىلغا ئۇيغۇرۇمنىڭ يۈرىكىدە سۆيگۈ بار، يۈكسىلىشتە پەللىلەرگە ساڭا رىغبەت تىل دېگەن! |